•                سىز توي قىلغىلىمۇ ھەش- پەش دېگۈچە ئىككى يىلمۇ بولاي دەپ قالدى، سىزنىڭ خوشاللىقىڭىز ۋە ئۈمۈدىڭىز بولغان پەرزەنتىڭىزمۇ تۇغۇلدى، سىز كېچە – كۈندۈز ئۈمۈد قىلغان ، ھەم تىلىگەن ئۇ  ئوغۇل پەرزەنت، ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن سىزگە نىسىپ بولمىدى، بەلكى ئاللاھ سىزگە ئۇماق بىر قىز ئاتا قىلغان ئىدى، ئاللاھنىڭ بۇ نېئمىتى ، ئايالىڭىزنى بۈلەكچىلا خوش قىلغان ئىدى، لېكىن ئايالىڭىز بۇ نېئمەتكە شۈكۈر قىلىشنى ، بۇ نېممەت بەدىلىگە ئاللاھقا لايىقىدا ئىبادەت قىلىپ،  ئاللاھقا بولغان شۈكرانىسىنى بىلدۈرۈشنى ئەسلا بىلمەيتى، ئەلۋەتتە بۇدرۇققىنا بۇ  گۈزەل بوۋاق، سىزنىڭمۇ  بارچە مېھرىڭىزنى بېرىشىڭىزگە مۇيەسسەر بولغان ئىدى .

  • تۈرك شېئىرىيىتىنىڭ يۈكسەك پەللىسىدىكى كىشىلىرىنىڭ بىرى بولغان نىزامۇددىن ئەلىشىر 1441- يىلى ھىرات (ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﻏﻪﺭﺑﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺷﻪﮬﻪﺭ)  تا دۇنياغا كېلىدۇ. ئاتىسى غىياسۇددىن بارلاس خوراسان ھۆكۈمدارى سۇلتان ئەبۇلقاسىم بابۇرنىڭ ئادەملىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئەجدادلىرىمۇ تىمۇرلەرنىڭ خىزمەتلىرىنى قىلاتتى. ئەلىشىر كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپلا ھۇسەيىن بايقارا بىلەن بىرلىكتە ئۆسۈپ يېتىلىدۇ.

    ئەلىشىر دەسلەپتە ھۇسەيىن بايقارا بىلەن بىرلىكتە سۇلتان ئەبۇلقاسىمنىڭ ھىمايىسى ئاستىدا تەلىم –تەربىيە كۆرىدۇ. كېيىنچە ئەبۇلقاسىم بىلەن بىرلىكتە مەشھەتكە كېتىپ، ئۇ يەردە ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. سۇلتان ئەبۇلقاسىم ۋە ئاتىسى بارلاس ۋاپات بولۇپ كەتكەندىن كېيىن، ئەلىشىرنى سەييىد ھەسەن ئەردەشىر ھىمايىسىگە ئالىدۇ. ئاتىسى ۋاپات بولغاندىن كېيىن ھىراتقا قايتىدۇ ۋە ئەبۇ سەئىد مىرزانىڭ خىزمىتىگە كىرىدۇ. ھۇسەيىن بايقارا 1469- يىلى سۇلتان بولغاندىن كېيىن ئەلىشىرنى سارايدا مۇھىم بىر ۋەزىپىگە تەيىنلەيدۇ.

  • نوكىيا 1-ئاپرېل  شىركەت بلوگى ئارقىلىق symbian سىستېمىسىنىڭ ئەسلى كودېنى ئېچىۋەتكەنلىگىنى رەسمىي جاكارلىدى. ئەمدىلىكتە بارلىق شىركەتلەر ۋە شەخسىي قوللانچىلار بۇ كودلارنىڭ ئىشلىتىش ھوقوقىغا بىمالال ئېرىشەلەيدۇ. ھازىرغىچە كۆپ قىسىم سىمبىيان سىتېىمىلىرىنىڭ ئەسلى كودى شىركەت تور بىكىتىغا يوللانغان بولۇپ، قالغانلىرى يېقىن مەزگىلگىچە يوللىنىدۇ.

  • يېڭى قاشتېشى

    خوتەن شەھەر غەربى بېيجىڭ يولى 2- قورۇ «يېڭى قاشتېشى » ژورنىلى تەھرىر بۆلۈمىگە تېگىدۇ.  
    پوچتا نومۇرى: 848000 
    خەنزۇچە ئادرىسى: 

     和田市北京西路2号《新玉文艺》杂志编辑部收   

    邮政编码: 848000 


     
     
    تەڭرىتاغ


     
    شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھىرى شەرقىي شىخۇڭ يولى 52 - نومۇر «تەڭرىتاغ» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمىگە تېگىدۇ  
     پوچتا نومۇرى: 830053 

     خەنزۇچە ئادرىسى: 

    新疆乌鲁木齐市西虹东路52号《天尔塔格》杂志编辑部  

    邮政编码: 830063

  • ئۇيغۇر دېمۇكراتىك ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ۋەكىلى،ئۇيغۇر مەدەنىي ئاقارتىش ھەرىكىتىنىڭ بايراقدارى،تەرەققىيپەرۋەر شائىر،يازغوچى،تارىخچى،ئالىم نەزەر غوجا ئابدۇسەمەتوف(ئۇيغۇر بالىسى) 1887 - يىلى ھازىرقى قازاقىستاننىڭ غالجات يېزىسىدا تۇغۇلۇپ،1951 -يىلى كۈزدە چاپچال ناھىيىسىنىڭ جاغىستاي يېزىسىدا ۋاپات بولغان. نەزەر غوجىنىڭ دادىسى ئابدۇسېمەت ئىلى دىيارىدا تۇغۇلغان بولۇپ، 1860- يىللىرى پارتلىغان ئىلى دىھقانلار قوزغىلىڭىغا ئاكتىپ قاتناشقان. موللا بىلال ئەسەرلىرىنى قوليازما ھالىتىدە كۆپ ئوقۇغان ئىكەن.شۇڭا، ئۇنى ئىلى دىھقانلار قوزغىلىڭى ۋە شۇ مەزگىلدىكى نۇرغۇن تارىخىي ۋەقەلەرنىڭ شاھىدى دېيىشكە بولىدۇ. نەزەر غوجا دادىسىنىڭ تەسىرىدە كىچىكىدنلا تارىخ ۋە ئەدەبىيەتقە قىزىقىشقا باشلىغان. دادىسى تەرەققىيپەرۋەر كىشى بولغاچقا، نەزەر غوجىنى كىچىكىدىنلا ئىلىمگە ھىرىسمەن قىلىپ تەربىيلىگەن.

  • ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يېقىنقى زامان مەدەنىيەت تارىخىدا ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرغان كىشىلەر ئاز ئەمەس. 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن 20- ئەسىرنىڭ دەسلەپكى يېرىمىغىچە ياشىغان ۋە ئىجادىيەت بىلەن شوغۇللانغان نەزەرغوجا ئابدۇسەمەت ئوغلى ( ئۇيغۇر بالىسى ) ئەنە شۇلارنىڭ بىرىدۇر. ئۇ 1887- يىلى يەتتەسۇ تەۋەسىدىكى غالجات يېزىسى ( ھازىر قازاقىستان تەۋەسىدە ) دا ئوقۇمۇشلۇق ئائىلىدە تۇغۇلغان. 20- ئەسىرنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىنى دۇنياغا تونۇتقان، ئۆز ھاياتىدا بەدىئىي ئىجادىيەت ۋە تارىخشۇناسلىق جەھەتتە ئۇنتۇلغۇسىز تۆھپە ياراتقان تالانت ئېگىسى ئىدى.

  • http://images.china.cn/attachement/jpg/site1000/20100320/00114320c9e60d0eae1004.jpg ئالدى بىلەن كىلىمات توغىرسىدا ئېيتسام، ھاۋارايى شىنجاڭغا قارىغاندا ئۇنچە بەك سوغۇقمۇ ئەمەس، ئەمما قىش ۋاقتى ئۇزۇن، يەنە كېلىپ كۈن-تۈننىڭ ئۇزۇن قىسقىلىقىنىڭ ئۆزگىرىشى ناھايتى كۆرۈنەرلىك يەنى قىشتا كۈندۈز ۋاقتى ئىنتايىن قىسقا، ئەڭ قىسقا ۋاقىتلاردا بىر نەچچە كۈن كۈندۈزىمۇ قۇياشنى كۆرەلمەسلىك ئادەتتىكى ئىش، بىراق بۇمۇ پۇتۇن قىش داۋاملىشىپ كەتمەيدۇ. بۇ يىل قانداق بولغان خېلسىنكىدا قار بەك كۆپ ياغدى، قار تولا ياغقانلىقىدىن مەخسۇس قار تازلايدىغان ماشىنا ۋە كىرانلار ئالدىراش بولۇپ كەتتى دېسەم مۇبالىغە قىلغان بولمايمەن، قار تۈپەيلىدىن يېقىندا پويىزلارمۇ توختاپ قالغان ۋاقىتلار بولدى. ئاڭلىسام ھۆكۆمەت ئارمىيەدىن ياردەم تەلەپ قىلىۋېتىپتۇ. بىراق قار كۆپ بولغىنى بىلەن ھاۋا سوغاق ئەمەس. ئەڭ سوغاق كۈنلىرى -15 گىرادۇسلار ئەتراپىدا. شىنجاڭدىكى قىشنىڭ سوغۇقىغا قارىغاندا بۇ يەردىكى قىشنى ئىللىق دېسەك بولىدۇ .


  • خۇددى ئۇيغۇرلارنىڭ تاماق يەۋاتقاندا بۇرنىنى ئالماسلىق، باشقىلار بىلەن بىللە تۇرغاندا يەل قويماسلىق (گەرچە ھازىر بەزىلەر بۇنىڭغا ئەمەل قىلمىسىمۇ ئەمما بۇ راست بىزنىڭ ئەنئەنىمىز).. دېگەندەك ئېغىر ئالىدىغان قائىدە-يوسۇنلىرىمىز بولغىنىدەك، ياۋروپالىقلارنىڭمۇ ئۆزىگە چۈشلۇق قائىدىلىرى بولىدىكەن ھەتتا بەزىلىرىگە بىز ئانچە دىققەت قىلمىغاچقا ئۆزىمىزنىڭ ئۇلارنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ كەتكىنىمىزنى سەزمەي قالدىكەنمىز.

  •   http://i292.photobucket.com/albums/mm27/awral/ilyabehtiya.jpg    ئىليار بەختىيار، قازاقىستان ئالمۇتا ئوبلاستى ئۇيغۇر رايۇنىغا قاراشلىق چوڭ ئاچنوقا يېزىسىدا،1932-يىلى تۇغۇلغان .
    1957-
    يلى قازاقىستان ئاباي نامىدىكى پېداگوگىكا ئىنىستىتونىڭ تىل-ئەدەبيات فاكۇلتىتنى تاماملاپ، كىيىن يەنە موسكىۋادىكى ئىككى يىللىق ئالىي ئەدەبىيات كۇرسىدا ئوقۇغان . ئۇنىڭدىن كىيىن «ئوقۇتقۇچى»، «يازغۇچى» نەشىرياتىدا ۋە رادىئو - تېلۋېزيە كومتىتىدا مۇھەرىر بولغان . ئىليا بەختىيانىڭ 1955-يىلى ،تۇنجى شېئىرلار توپلىمى «دوسلارغا سوۋغا»،1982-يىلى تاللانغان شېئىرلار توپلىمى «ھايات داۋانلىرى» نەشىر قىلىنغان. شائىر ئىليا بەختىيا 1988-يىلى56 يېشىدا ۋاپات بولغان.تۈۋەندە ئۇنىڭ نەمۇنىلىك شىئىرلىرىنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇق

  • ئەقلىفۇن(ئەقلى ئىقتىدارلىق تېلېفۇن)لارغا بولۇپمۇ Symbian سىستېمىسىدىكى ئەقلىفۇنلارغا ئۆزىڭىز خالىغان ئۇيغۇرچە فۇنت ياكى باشقا فۇنتلارنى قاچىلاش ياكى ئۆزگەرتىشنى بىلمەي تىڭىرقاپ قالدىڭىزمۇ ؟ ئۇنداقتا بۇ تېمىغا نەزەرىڭزنى ئاغدۇرۇڭ.

    ئەقلىفۇنغا فۇنت قاچىلاش ئۈچۈن سىزدە ئىككى شەرت ھازىرلانغان بولىشى كىرەك ، بىرى قاچىلايدىغان فۇنت يەنە بىرى فۇنت قوزغىتىش دىتالى FontRouter . يانفۇن ئۇيغۇرچە فۇنتلىرىدىن ھازىر بار بولغىنى Uyghur-CJK1 فۇنتى،Uyghur Ali فۇنتى،Uyghurphone فۇنتى قاتارلىقلار بار، بۇ فۇنتلارنى ئالاقىدار تور بەتلەردىن تاپالايسىز.فۇنت قوزغىتىش دىتالى FontRouter نى سىز Baidu,Google لارئارقىلىق چۈشۈرەلەيسىز. خوش، بۇ ئىككى شەرتنى ھازىرلاپ بولغان بولسىڭىز ئەمىسە قاچىلاشنى باشلاپ كەتتۇق.

  • ئاي ناملىرىنىڭ ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى ئاللىقاچان بىرلىككە كەلگەن بولسىمۇ،  ئالاقىدار ھۈكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ دىگەندەك كۈڭۈل بۈلمەسلىكى سەۋەبلىك ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە تا مۇشۇ كەمگىچە ئومۇملاشمىدى، بۇ ھەقىقەتەن ئادەمنى ئىچىندۇرىدۇ.

     تۈۋەندىكىسى ئاي ناملىرىنىڭ ئۇيغۇر، قازاق، تۈرك، قىرغىز، تاتار قاتارلىق بىر قانچە تۈركىي مىللەتلەردە ھازىرىقى ئاتىلىشى

     

  • بىر دۆلەت پۇلىنىڭ كۇرسىنىڭ ئۆسۈشى ياكى چۈشىشى شۇ دۆلەتنىڭ دۆلەت كۈچىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. يېقىندىن بويان ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى كۆپلىگەن غەرب دۆلەتلىرى خەلق پۇلىنىڭ كۇرسىنى ئۆستۈرۈش توغرىلىق ھەدەپ دۆلىتىمىزگە بېسىم ئىشلىتىۋاتىدۇ،دۆلىتىمىز ئۆز دۆلەت مەنپەئەتىنى قوغداش نۇقتىسىدىن بۇنىڭغا قارشى چىقىۋاتىدۇ. ئۇنداقتا خەلق پۇلى كۇرسىنىڭ ئۆسۈشى بىز ئاۋام پۇقرالارغا زادى قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ ؟ كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى چۈشەنچىسى ئانچە ئېنىق بولمىسا كېرەك ، تۆۋەندە ھېس قىلغانلىرىمنى سىلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن.
    مېنىڭچە خەلق پۇلى كۇرسىنىڭ ئۆسۈشى پۇقرالارغا ھېچقانداق زىيان كەلتۈرمەيدۇ، ئەكسىچە پايدىسى كۆپ بولىشى مۇمكىن . پايدىسى تۆۋەندىكىچە :
  •    نۇرسۇلتان نازاربايېۋ 1940-يىلى 7- ئاينىڭ 6-كۈنى ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ قەشقىلەڭ ناھىيىسى شامالغان يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن. 1967-يىلى قاراغاندا مىتاللۇرگىيە كومبىناتى (شىركىتى) گە قاراشلىق يۇقۇرىي تېخنىكا ئوقۇش ئورنىنى پۈتتۈردى. ئىقتىساد پەنلىرى دوكتورى. قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى مىللىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ، خەلق ئارالىق ئىنجېنېرلىك ئاكادىمىيېسىنىڭ، روسسىيە فېدېراتسىسىسى جەمىيەت پەنلىرى ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى. ئەل فارابى نامىدىكى قازاقىستان مەملىكەتلىك مىللىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەخرىي پرافېسسورى. بېلارۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ پەخرىي ئەزاسى. لومونوسوف نامىدىكى موسكۋا دۈلەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەخرىي پرافېسسورى.

  • 1 - ئىيۇن بالىلار بايرىمى كېلىپ قالدى، بالىڭىزنى قانداق ئوينىتاي دەۋاتىسىز؟
    ھەرقايسى دۈلەتلەرنىڭ بالىلار بايرىمىنىڭ قايسى كۈنى بولىدىغانلىقىنى بىلىپ كەتمەيسىز ھەقىچان ، تور ئارىلاۋىتىپ بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرنى كۆرۈپ قالدىم ، شۇڭا ئۇدۇللا تەرجىمە قىلىپ يوللاپ قويدۇم.
    1- ئىيۇن خەلقئارا بالىلار بايرىمىنى ھەر قايسى دۈلەتلەر ئورتاق ئۆتكۈزگەندىن باشقا يەنە ھەر يىلى ئاپرىلنىڭ 4 - يەكشەنبە كۈنى بولغان «دۇنيا بالىلار كۈنى»نىمۇ ھەرقايسى دۈلەتلەر ئورتاق ئۆتكۈزىدۇ.
    بۇ ئورتاق ئۆتكۈزىلدىغان بالىلار بايرىمىدىن سىرت ھەر قايسى دۈلەتلەرنىڭ يەنە ئۆز ئالدىغا ئايرىم ئۆتكۈزىدىغان بالىلار بايرىمى كۈنلىرىمۇ بار ، بۇلار تۈۋەندىكىچە :

  • ۋاقىت ئالدىراڭغۇ ساقلاپ تۇرمايدۇ،

    时间太匆忙,一点也不肯停留,

    يىللار شۇ ۋاقىتنىڭ ئەڭ چوڭ يورغىسى..

    岁月便是时间的最快脚步。

    ئاققان سۇلار، ئاتقان تاڭلار قايتىلانمايدۇ،

    湍急的流水,破晓的黎明依然清晰,

    يورغا يىللار ۋاقىتنىڭ ئەڭ چوڭ ئوغرىسى.

    疾驰的岁月却是窃取寿命的小偷。

    ئوغىرلاپ قاچىدۇ ئارقىغا باقماي،

    窃取后,头也不回地,

    بىر- بىرىنى قوغلىشىپ، يورغىلىشىپ،

    一个追着一个,匆忙逃走。

    ياشلىق بېغىدا بولبۇللار قانات قاقماي،

    在青春的花园里听不到黄莺拍姻,

    يوپۇرماقلار قويۇلىدۇ پۇرلىشىپ.

    树叶枯萎凋零,树枝变成秃头。

    ياشلىق ئادەمنىڭ زىلۋا بىر چېغى،

    青春是人们最美妙的季节,

    تولىمۇ قىسقا ئۇنىڭ ئۆمىرى بىراق.

    然而它又是何等短暂。

    يىرتىلسا كالىندارنىڭ بىر ۋارىقى،

    当你撕掉日历上的一页,

    ياشلىق گۈلىدىن تۈكۈلىدۇ، بىر يوپۇرماق.

    便会预感到青春的花朵凋蒋了一瓣。

    يىللار شامىلى يەلپۈنىدۇ، ئىزلار كۆمۈلىدۇ،

    岁月之风在瓢舞,落叶掩盖了大地,

    يوپۇرماقسىز ياغاچ بىچارە بولىدۇ قاخشال...

    落了叶的树显得格外可怜……

    يىللار سېخ، قورۇق كەلمەيدۇ، ئەكىلىپ بېرىدۇ،

    岁月那么慷慨地给姑娘们带来了皱纹,

    قىزلارغا قورۇق، ئەرلەرگە ساقال.

    给男子们带来了、满面的胡须。

ئارخىۋىم

  • زىيارەتچىلەر :