-
2008-10-30
يۇرتىمىزدىكى مەشھۇر ئاياللار- ئايخان ئانا - [مەشھورلىرىمىز]
ئايخان تۇردى (1882-1942-يىلى ) ئۇيغۇر، غۇلجا شەھىرىدە ئۆتكەن تۇردى باي دىگەن كېشىنىڭ قىزى بولۇپ، ئۇ كىچىكىدە ئىلغار زاتلار ئاچقان پەننى مەكتەپتە ئوقۇغان بولغاچقا ،شۇ دەۋرنىڭ ئىدىيىسى ئىلغار كېشىلىرىدىن بىرى ئىدى. غۇلجا قازانچى مەھەللىسىدە 70 نەچچە يىللىق تارىخقا ئىگە بىر باشلانغۇچ مەكتەپ بار (ھازىرقى 21-باشلانغۇچ مەكتەپ)،ھازىرغا قەدەر بەزى كىشىلەر بۇ مەكتەپنى «ئايخان مەكتىپى »دەپ ئاتايدۇ. بۇ مەكتەپنى قۇرغۇچى _ دەل ئايخان تۇردى ئانىدۇر.
-
2008-06-19
ئۆسمۈر چولپان ـــ ئەرفان - [مەشھورلىرىمىز]
نۇرغۇن بالىلار كىچىكىدىنلا سەنئەتكە ھېرىسمەن كېلىدۇ. ئەرفانمۇ خۇددى شۇلارغا ئوخشاش كېچىكىدىنلا سەنئەتكە ھېرىسمەن ئىدى. ئوغلىدىكى سەنئەتكە بولغان قىزغىنلىقىنى سەزگەن ئارسلان ئاكا ئەرفاننى ئۈچ يېشىدىن باشلاپ مەخسۇس تەربىيىلەپ، ھەر خىل سەنئەت پائالىيەتلىرىگە قانتاشتۇرىدۇ. ئەرفان بەش ياشقا كىرگەندە بىر قانچە ناخشىنى راۋان ئېيتالايدىغان بولىدۇ. بىر كۈنى ئەرفاننىڭ ئاپىسى گېزىتتىن مەركىزىي تېلىۋېزىيە ئىستانسىسىنىڭ «ئالاھىدە 1+6» سەنئەت پىروگىراممىسىغا شىنجاڭدىن نامزات تاللاۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنى كۆرۈپ قالىدۇ. ئۇ ئەرفاننى قانتاشتۇرۇپ بېقىشنى ئويلاپ ئەرفاننى ئىمتىھان مەيدانىغا ئېلىپ بارىدۇ. ئەرفان تىزىملاتقانلارنىڭ 875چىسى يەنى ئەڭ ئاخىرقىسى ئىدى. ئۇماق ھەم چىرايلىق ئەرفان يېقىملىق ناخشىسى، چاققان ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇ مەيداندىكى مۇئەللىملەردە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدۇ ۋە شۇ مەيداندىلا ئەرفاننىڭ تاللانغانلىغى ئېلان قىلىنىدۇ. ئەرفان 2004-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى مەركىزىي تېلىۋېزىيە ئىستانسىسىنىڭ «ئالاھىدە 1+6» پروگىراممىسىغا قاتنىشىدۇ ۋە تاماشىبىنلارنىڭ يۇقۇرى باھاسىغا، قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشىدۇ.












